ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىغا جايلاشقان ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ فائىرفاكىس شەھىرىدە 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى كۈنى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت مەكتىپى ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن دەرس باشلىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010.02.21
ئېچىلىش مۇراسىمىغا كۆپ ساندا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، پەرزەنتلەرنى ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى ۋىرگىنىيە، مەرىيلەند شتاتلىرىغا تارقالغان ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت بىلەن تەربىيىلەيدىغان بىرەر ئورۇننىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. مەزكۇر مەكتەپ ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ تەلىپى ھەم قىزغىن قوللىشى بىلەن تېخى يېقىندا قۇرۇلغان ئاياللار كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا قارار قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قىزغىنلىقىنى تۈرك جامائەتلىرىمۇ قوللاپ، مەكتەپ ئۈچۈن ئورۇن ئاجرىتىپ بەردى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ مەكتەپ ھەر يەكشەنبە كۈنى دەرس ئۆتۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئانا تىل دەرسىدىن باشقا يەنە دىن ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادەت ھەم باشقا ساھەلەر بويىچىمۇ ساۋاق بېرىلىدىكەن. دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىختىيارى بىلەن پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقانلار بولۇپ، تۆت ياشتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشى قارار قىلىنغان. بالىلار ياش ئۆلچىمى بويىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغان.

ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت بىلەن تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان مۇنداق سىنىپ ئىلگىرىمۇ تەسىس قىلىنغان. نۆۋەتتە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ چوڭىيىشى، ئادەم سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جامائەت پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش، پەرزەنتلەرنى ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلەش ئېھتىياجى ھەم تەقاززاسىمۇ ئاشماقتا ئىدى.

ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلەش، ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىگە بولغان سۆيگۈسىنى ئاشۇرۇش ھەر قايسى مەملىكەتلەرگە تارقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپى بولۇپ، بۇ مەۋقەدىن چىقىش قىلىنغان مەكتەپلەر ياۋروپا مەملىكەتلىرى، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئېچىلىپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.