2010.02.16
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى فرەدىي لىم ئەپەندىم، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگىتونغا كېلىپ رابىيە خانىمنى تەيۋەنگە قايتا دەۋەت قىلغان. ئۇ رابىيە خانىم بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆتكەن قېتىمدا تەيۋەن ھۆكۈمىتى ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، تەيۋەن خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ رابىيە خانىمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ قېتىم يەنە تەيۋەن خەلقىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى رابىيە خانىمنىڭ يولىنى توسۇشتىن ۋاز كەچتۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە مەزكۇر تەشكىلات بۇ يىل مارت ئېيىدا تەيۋەندە رابىيە خانىم ھەققىدىكى فىلىم «مۇھەببەتنىڭ 10شەرتى» ھەققىدە DVD تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى.
مەزكۇر تەشكىلات رابىيە خانىمنىڭ ئەنە شۇ مۇراسىمغا قاتنىشىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ھازىرغا قەدەر رابىيە قادىر خانىم ياكى ئۇنىڭ يېتەكلىشىدىكى تەشكىلاتلار رابىيە خانىمنىڭ مەزكۇر تەكلىپنى قوبۇل قىلغان – قىلمىغانلىقى ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى.