2 – ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش يىغىنى ئېچىلماقچى. بۇنىڭ ئارقىدىنلا يەنە، 3 – ئاينىڭ 8 – 9 – كۈنلىرى 2 – نۆۋەتلىك جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي يىغىنى «ئۆز‏ – ئارا سەۋر ۋە دېموكراتىيە » تېمىلىق يىغىنىمۇ ئېچىلىدۇ.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.02.11
Share

MemetEli-AbduKerim-Olum-jazasi-berilgen-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، 4 – ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﻮﺗﻰ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻣﻪﻫﻜﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ 3 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﺘﯧﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺳﻮﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.

Youtube.com دىن ئېلىندى.
8 ‏ – ، 9 ‏ – مارت كۈنلىرىدە ئېچىلىدىغان بۇ يىغىننى خەلقئارادىكى ھۆكۈمەتلەرگە تەۋە بولمىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەشكىل تاپقان 25 تىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتنىشىدىكەن.

شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلىدىغان بۇ ئىككى يىغىنغا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇ يىغىندا ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلىدىكەن.

بىز بۇ ئىككى يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئادۋوكات ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.