2010.02.09
ﺳﯜﺭﻩﺕ، Youtube ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ «ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
» قارا، ئۇ ۋاقتىدا مەن بەك چىرايلىق ئىدىم، ئۇ قانداقمۇ مېنى ياخشى كۆرەلمەي تۇرالايدۇ….»
رابىيە قادىر خانىم، بۇ سۆزنى ئۆمۈرلۈك ھەمرىيى سىدىق ھاجى روزىغا قارىتىپ ئېيتقان بولۇپ، ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «داۋاملىق رومانلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا، شۇنداق بىر قەھرىمان بىلەن بىرلىشىپ، خەلقىمگە ياردەم قىلسام دەپ رومانتىك فانتازىيىلەرنى قىلاتتىم….»
رابىيە قادىر خانىم، ئۆمۈرلۈك سەبدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىگە ۋە ئۆزىگە، ۋەتەنپەرۋەر بولۇش، سەبداشلىرىغا سادىق بولۇش، بىر – بىرىگە خىيانەت قىلماسلىق شۇنىڭدەك توي قىلىپ ھاياتىنى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، ھەر ئىككىسىنىڭ بارلىقىنى ۋەتەنگە ئاتاشقا ئوخشاش 10 تۈرلۈك شەرتنى قويغان ئىدى.
ئاۋىسترالىيىلىك فىلىم ئىشلىگۈچى Jeff Daniels تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ فىلىم، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمغا ئاۋسترالىيە ۋىزىسى بەرمەسلىك، ئۇنىڭ كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىشىنى چەكلەش بېسىملىرىغا قارىماستىن، دەسلەپ ئاۋىسترالىيىنىڭ مېلبورىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا ۋە ھىندونېزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا شۇنىڭدەك خىتاينىڭ 1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى كۈنى تەيۋەندىكى 5 چوڭ شەھىرىدىكى كىنوخانىلاردا كۆرسىتىلدى.
رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى ناھايىتى تەسىرلىك يورۇتۇلغان مەزكۈر فىلىم يەنە، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىلەن تام لانتۇس كىشىلىك ھوقۇق كومىسيونىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۆرسىتىلىشكە قارار قىلىنغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بۇ فىلىم، يالغۇز مېنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىم ئەمەس، بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسى،» دېدى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنى «تېررورچى» ھەمدە «بۆلگۈنچى» قالپاقلىرى بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رابىيە قادىر خانىم ھۆرلۈككە ئىنتىلگۈچى بارلىق ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى» دەپ تەرىپلەنگەندىن سىرت، دۇنيا نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ قېتىم نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى ۋە نورۋىگىيىنىڭ خەلقئارا «رافتو تېنچلىق مۇكاپاتىغا» نائىل بولغاندىن سىرت، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.