ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيىنىڭ خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولدى. بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېرىشكەن 5 ‏- قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.02.04
Rabiye-Xanim-Filim-Festiwalida-sozde-3052009 – ﻳﯩﻠﻰ 8 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﺒﯘﺭﻥ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﺍ، «ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.

AFP Photo
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇكاپاتلار ئەسلىدە ئەركىنلىك ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان، خىتاي تۈرمىسىدە قېيىن – قىستاق ئاستىدا جازالىنىۋاتقانلارغا مەنسۈپ ئىكەن.

ئىتالىيىدىكى (Societa Libera ) تەشكىلاتى يەنى ئىجتىمائى ئەركىنلىك تەشكىلاتى، بۇ يىللىق خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا بېرىشنى قارار قىلغان بولۇپ، مەزكۈر مۇكاپات بۇ يىل ياز ئايلىرىدا ئىتالىيىنىڭ Luca شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا رابىيە خانىمغا بېرىلىدىكەن.

ئىجتىمائى ئەركىنلىك تەشكىلاتىنىڭ دېرىكتورى Vincenzo Olita ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە خانىمنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا ئىتالىيە پرېزىدېنتى Giorgio Napalitano رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن ھەمدە مۇراسىمنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى، ئىتالىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ 1 ‏- قانىلىدا تارقىتىلىدىكەن.

رابىيە قادىر خانىم پات ئارىدا ئالىدىغان ئەھمىيەتلىك مۇكاپات ھەققىدە توختىلىپ مۇمداق دەيدۇ» :تىنچلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن ۋاقتىمدا، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن ۋە بۇ مۇكاپاتلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داۋاسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولىمەن. لېكىن مەن بۇ مۇكاپاتلارنى ئالغاندىن كۆرە، بىر كۆزى قان، بىر كۆزى ياش خەلقىمنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى، بولۇپمۇ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى، پەرزەنتلىرى قامالغان ئاتا ‏- ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىپ ئاتا – ئانىسى بىلەن جەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. مەن يەنە تەكرار شۇنداق دەيمەنكى، بۇ مۇكاپاتلارنىڭ ماڭا ئەمەس، ئازاپ ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلىرىغا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، جان بەرگەن ئۇيغۇر ئوغۇل – قىزلىرىغا مەنسۈپ. بۇلاردىن باشقا مەن بۇ مۇكاپاتلارنىڭ يەنە، ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنيانىڭ كەڭ – كۆلەمدە تونۇشتا ھەمدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىشىنىمەن.»

رابىيە قادىر خانىم، ھازىرغا قەدەر ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن 5 ئىگە ئېرىشكەندىن سىرت، ھەر يىلى دۇنيا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىق سالاھىيىتىگە مۈيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، ئۇيغۇر خەلقى رابىيە خانىمنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلىنىشىنى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.