ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.01.28
2010.01.28
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺗﯩﺮﻭﻝ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ ﻛﯜﺗﯜﯞﻟﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
RFA Photo / Erkin Tarim
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شۋېتسارىيە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرىنى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىنى ئىلگىرىلىتىشتە جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاش نىيىتىدە مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئېيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ، كېلەر ھەپتە شۋېتسارىيە پارلامېنتىدا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش – قىلماسلىق ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.