د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا يەنى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى سابىق باش مىنىستىر مۇئاۋىنى دەۋلەت باغچەلى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.01.04
Dewlet-Baghcheli-Siyit-Tumturk-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻫﻪﭘﺘﻪ، 12 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 31 – ﻛﯜﻧﻰ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯚﻛﺘﯩﭽﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻨﻰ ﺩﻩﯞﻟﻪﺕ ﺑﺎﻏﭽﻪﻟﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

RFA Photo / Erkin Tarim
ئارقىدىنلا بۇ پارتىيىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى دېڭىز بۆلۈكباشى ئەپەندى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.  سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇلارغا ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ  تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

د ئۇ ق تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلدى؟ ئۇلار نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.