2009.12.22
خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، كامبودژا خىتاي ھۆكۈمىتىگە 20 ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى ياردەم پۇلىنىڭ مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ، خىتاينىڭ كامبودژاغا ياردىمىنىڭ مەزكۇر قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتچى سۆزىدە، خىتايغا قايتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ خىتاي ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەم خىتاي چېگرىسىدىن قانۇنسىز چىققانلىقىنى، ھەم كامبودژاغا قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ كامبودژا كۆچمەنلەر قانۇنى بويىچە خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، رويتۇرۇس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۈزىدە، «كامبودژانىڭ بۇ قارارى شۈبھىسىزكى، خىتاينىڭ بېسىمى ۋە بىر مىليارد دوللارغا ئېرىشىش ئىشتىھاسىنىڭ تەسىرىدىن بولغان،» دەپ كۆرسەتكەن.