ياۋروپا بىرلىكى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر دۆلەتتىن پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسلىرىغا قاراپ چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى خىتايغا مەجبۇرى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدىن چوڭقۇر ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينى بۇ ئۇيغۇرلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.12.21
كامبودژا دائىرىلىرى 19 دېكابىر كەچقۇرۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، بۇ دۆلەتتە پاناھلىق ئىزدەۋاتقان 20 ئۇيغۇرنى خىتاي ئايروپىلانىغا سېلىپ مەجبۇرى خىتايغا قايتۇرغان ئىدى.

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كامبودژاغا كېلىپ پاناھلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى «جىنايەتچى» دەپ ئاتىغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ياۋروپا بىرلىكى باياناتىدا خىتاينى بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي قايتۇرۇلغان بۇ كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك ۋە بۇلارنىڭ سوت قىلىنىش جەريانىنى چوقۇم ئوچۇق ئاشكارا يوسۇندا ئېلىپ بېرىشى كېرەك.»

ياۋروپا بىرلىكى باياناتتا يەنە، كامبودژا ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قانۇنلاردىكى مەسئۇلىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا بېرىلگەن كونكرېتنى ھوقۇقلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ بۇ ھەقتە ۋول سترىت ژۇرنىلى گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، كامبودژا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى خىتايغا قايتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ئۇچۇن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.