شۋېتسىيە سوتىدا جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇتنى ئەيىبلىگۈچى (داۋاگەر) توماس لىندستاراند بۈگۈن فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا سوت ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.12.16
توماس لىندستاراندنىڭ ئېيتىشىچە، شۋېتسىيىدە سىياسىي پانالىق تېلەپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، 1997‏ – يىلىدىن بۇيان شۋېتسىيە، نۇرۋېگىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كېلىۋاتقان 61 ياشلىق ئۇيغۇر بابۇر مەخسۇت تۈنۈگۈن سوتتا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاينىڭ سىياسىي ۋە دىنى زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پانالىق تېلەش ئەھۋالى، سالامەتلىك ئەھۋالى، قايسى دۆلەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى، تېلېفون نومۇرى، قايسى دۆلەتلەرگە ساياھەت قىلىغانلىقى قاتارلىق رىئال ئەھۋالى توغرىسىدا خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان.

بابۇر مەخسۇتنىڭ جاسۇسلۇق قىلىشى تۈپەلىدىن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرنىڭ زىيانكەشكىككە ئۇچرۇشى مۇمكىن ئىدى.

شۋېتسىيە سوتىدا جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇتنى ئەيىبلىگۈچى توماس لىندستاراندنىڭ بايان قىلىشىچە، جىنايەت گۇماندارى بابۇر مەخسۇت سوت ئىقرارىدا ئۆزىنى، «ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رۇخسىتى بىلەن خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋە سۆزلەشكەن،» دەپ كۆرسەتكەن.

جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇتنى ئەيىبلىگۈچى توماس لىندستاراندنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمدى گۇۋاچىلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم كېلەر يىلى 1‏ – ياكى 2 ‏ – ئايدا شۋېتسىيە سوتىدا گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەك، ئىكەن.