د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيە، شىۋىتسىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە فرانسىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ گوللاندىيىنىڭ پايتەختى ئامستېردامغا يېتىپ كېلىپ پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.12.15
Rabiye-Xanim-yawropa-parlamentida-09012009-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، 9 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 – ﻛﯜﻧﻰ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ 26 – ﺋﯩﻴﯘﻥ ﺷﺎﯞﮔﯘﻩﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﯞﻩ 5 – ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.

AFP Photo
رابىيە قادىر خانىم 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنىدىن تارتىپ گوللاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىدە پارلامېنت ئەزالىرى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، ژۇرنالىستلار بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىغا قۇلاق سالماستىن ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رابىيە قادىر خانىم ۋە ئالىم سېيتوف ئەپەندىلەرنى تېلېفوندا زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.