2009.12.07

5″ - ئىيۇل ۋەقەسى» باستۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن قاچقان 22 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرى يېقىندا كامبودژاغا قېچىپ چىقىپ، ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ پايتەخت پىنومپىندىكى ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن. بۇ ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن پىنومپىندىكى مۇساپىرلارنىڭ تەقدىرى چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر جىددىي دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان. كامبودژا ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.
كامبودژا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بايانات ئېلان قىلىپ، 22 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ب د ت ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇلارغا كۆڭۈل بۆلىنىدىغان كىشىلەر سالاھىيىتى بېرىلىپ، كىنىشكا تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ سۆزلەرنى كامبودژا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كويكۇڭ دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزنىڭ كامبودژادىكى مۇخبىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، 3 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ب د ت ھىمايىسى ئاستىدىكى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنىدىغان كىشىلەر، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كۇيكۇڭ مۇنداق دېگەن»: ئۇلارنىڭ ھەممىسى ب د ت نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ب د ت نىڭ كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلدى. بۇ دېگەنلىك ئۇلار كۆڭۈل بۆلۈنىدىغان كىشىلەر سالاھىيىتىگە ئېرىشتى دېگەنلىكتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار ب د ت نىڭ قوغدىشى ئاستىدىكى كىشىلەر بولۇش سۈپىتىدە ھۆكۈمەت ئۇلارغا ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمايدۇ».
ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى -- UNHCR كامبودژا ئىخشانىسىنىڭ باياناتچىسى توشىسۇكى كاۋائۇچى، ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا دائىر ھەر قانداق مەسىلىگە باھا بېرىشنى رەت قىلىپ، مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ پرىنسىپىدا مۇساپىرلارغا دائىر ھەر قانداق مەسىلە ئۈستىدە پىكىر بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. كاۋائۇچى، «مەن مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ مەلۇماتىدىن خەۋىرىم بار. لېكىن بىزنىڭ پاناھلىق تەلەپ قىلغان ياكى ھەر قانداق مۇساپىر توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشىمىزگە ئومۇميۈزلۈك يول قويۇلمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەتتا مېنىڭ ئۇلارنىڭ كامبودژادا ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلىشىمغا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويۇش ھېسابلىنىدۇ» دەپ بىلدۈردى.
كامبودژا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كۇيكۇڭ، رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا كامبودژا ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ ياكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدىكى تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ كامبودژادىكى تەسىر دائىرىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ كىشىلىك بىخەتەرلىكى زور خەۋپ-خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئانالىزچىلار، ئەگەر خىتاي ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى پىلانلىغان بولسا، كامبودژا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى خىتاينىڭ بۇ ئۈمىدىگە بېرىلگەن بىر زەربە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ياۋروپا زىيارەتتىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كامبودژاغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلار سېنتەبېرنىڭ ئاخىرىلىرىدا ۋېيتنامغا چىققان بولۇپ، كاتولىك دىنىي گۇرۇھلار ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ياردىمىدە كامبودژاغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ كامبودژاغا كەلگەن مەزگىلى خىتاينىڭ 5″ - ئىيۇل ۋەقەسى»گە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى شىددەتلىك جازالاپ، ھازىرغا قەدەر 20 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 9 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى يېقىندا ئىجىرا قىلىنغان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن ئىدى.
خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينى ئۈرۈمچىدىكى سوتنى سىياسىيلاشتۇرۇش بىلەن تەنقىدلەپ، سوتلانغۇچىلارنىڭ ئادالەتسىز جازالانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش، خالىغان ئادۋوكاتنى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقى رەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، كامبودژادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئۇلارنى ئۆلۈمگە يوللاش بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىش ئوبىكتى بولۇپ قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 5″ - ئىيۇل ۋەقەسى»دە 197 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى خىتايلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، ۋەقە جەريانىدا ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ئىز – دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ ئاز دېگەندە 10 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىلىغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشكە چاقىرىپ، ئۈرۈمچىدىكى قىرغىنچىلىقنى ۋە ئىز – دېرەكسىز يوقالغانلارنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلماقتا.