2009 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى ئىستانبۇلغا جايلاشقان مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋرو- ئاسىيا ئىشلىرى ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەلتەپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مارما قۇرۇلتاي يىغىن زالىدا ›ياۋرو-ئاسىيادا تىنچلىق ۋە دىئالوگ ‏- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەچمىشى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى‹ ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.12.07
Maltepe-universitiyde-Uyghur-yighini-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 12 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻣﺎﻟﺘﻪﭘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭ – ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ ›ﻳﺎﯞﺭﻭ-ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺩﯨﺌﺎﻟﻮﮒ ‏- ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ‹ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

RFA Photo / Arslan
يىغىنغا تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى، تەتقىقاتچىلار ۋە مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدىكى ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رېكتورى پروفېسسور كەمال كۆيمەن ۋە مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور گۇلجەنەت ئەرجىلاسۇن ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى.

پروفېسسور دوكتور كەمال كۆيمەن بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيا سىياسىتىنىڭ تىنچلىق ۋە دىئالوگ بىلەن ھەل بولۇشقا يۈزلىنىشى ئەڭ مۇھىم ۋە توغرا بىر يول دەپ قارايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ياۋرو-ئاسىيادا تىنچلىق ۋە دىئالوگ ناملىق ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار بۇ قېتىمقى يىغىن 2009 ‏- يىلى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كەلگەن خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېچىلدى. بۇ ۋەقەلەر جىددىيلىكنى يوقاتقان بولسىمۇ، رايوندا ھازىرمۇ ۋەقەلەرنىڭ تەسىرى داۋام قىلماقتا. تېخى تۈنۈگۈن خىتاي سوت مەھكىملىرى ئۈرۈمچى ۋەقەلەر سەۋەبىدىن يەنە 5 ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. رايون خەلقىنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە ئىچىدىن قارشىلىق كۆرسىتىشى سىر ئەمەس. رايون خەلقىنىڭ ئىچىدىن كۆرسىتىلگەن قارشىلىقلار، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەنگە ئوخشاش كۈتۈلمىگەن بىر ۋاقىتتا قاتتىق بىر شەكىلدە قايتىدىن يۈز بېرىشى مۇمكىن. يەنە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئوخشاش باستۇرۇش ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۈبھىسىز بۇ نەتىجىلەر خىتاي دۆلىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنگە ئوخشاش رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەر ئېلىپ كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ مەسىلىنى تىنچلىق ۋە دىئالوگنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەل قىلىشنى خالايمىز، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭمۇ شۇ مەقسەت ئۈچۈن پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋىدىئو كۆرۈنۈش ئارقىلىق نەق مەيدانغا قاتنىشىپ، دوكتور كونۇرئالپ ئەرجىلاسۇننىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە مۇخبىرلار ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. رابىيە قادىر خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رېكتورى پروفېسسور كەمال كۆيمەن ئەپەندىگە تەشەككۈر ئېيتتى. كەمال كۆيمەن ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنى تۈركىيىگە كەلگەندە مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىشنى ئۇنۇتماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمىغا پروفېسسور باھاددىن ئاقتاش ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئىسپانىيە تاشقى سىياسەت مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسلىھەتچىسى دوكتور نىكولېس دېپېدرو ئەپەندى، «شىنجاڭنىڭ سىرتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ رايونلۇق ئۆلچىمى» دېگەن تېمىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندى، «ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە تۈرتكە بولغان ئامىللار» دېگەن تېمىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنىت ئەركىن ئەمەت، «ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنىڭ تەسىرى ۋە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار» دېگەن تېمىدا، مالتەپە ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت «شەۋكەت ناسىر خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئۈرۈمچى ۋەقەلىرى» دېگەن تېمىدا، گازى ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر تۈمەن سومۇنجۇئوغلۇ «خىتاي ‏- تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلگۈسى» دېگەن تېمىدا، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك، «خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كۆز قارىشىدا شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق » دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا گازى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ھەسەن ئۇنال يىغىننى خۇلاسىلىدى ۋە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.