شىۋېتسىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن – 3 دىكابىر كۈنى پارلامېنت زالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە شىۋېتسىىيىگە كىلىپ پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2009.12.04
Rabiye-xanim-yaponda-doklat-bermekte-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ،29 – ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.

AFP Photo
ئېچىلىش سۆزىنى پارلامېنت ئەزاسى ئانالىيە ئېناكسون خانىم باشلاپ، بۈگۈنكى يىغىلىشنىڭ مەقسىىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

رابىيە قادىر خانىم دوكلاتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، دوكلات ئاڭلاشقا كەلگەن ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرى جاۋاب بەردى.

دوكلات ئاڭلاشقا كەلگەن بىر يازغۇچى رابىيە قادىر ھەققىدە يېزىلغان «ئەجداھار بىلەن ئېلىشقۇچى ئايال» دېگەن كىتاب ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ كىتابتا بايان قىلىنغان كۈلپەتلەر يالغۇز رابىيە قادىرنىڭلا كۈلپىتى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتتۇر، بۇ كىتاب يالغۇز رابىيە قادىرنىڭ بىئوگرافىيىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىئوگرافىيىسىدۇر، شۇڭا مەن بۇ كىتابنى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇش قىلدىم. بۇ كىتاب شىۋېت تىلىدا نەشر قىلىنسا، شىۋېت خەلقى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىغا ئىگە بولىدۇ،» دەيدۇ.

پارلامېنتتىكى دوكلات بېرىش پائالىيتى 3 سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى.

شۇ كۈنى كەچتە رابىيە قادىر خانىم خېلسىنپوش ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى. خېلسىنپوش ئىنسان ھەقىلىرى كومىتېتى ئەينى يىللاردا سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدا زور رول ئوينىغان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بولۇپ، ھازىر شىۋېتسىىدە ياشاۋاتقان ئادىل ھاكىمجاننىڭ ئالبانىيىدىن شىۋېتسىيىگە كىلىشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» دېگەن فىلىم كۆرسىتىلدى. دوكلات ئاڭلاشقا ئاساسەن يازغۇچىلار، مۇخبىرلار، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئەرباپلار ئىشتىراك قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم – 4 دىكابىر كۈنى شىۋېتسىيىدىكى زىيارىتىنى تاماملاپ، گېرمانىيىگە يۈرۈپ كەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.