2009.12.04
رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىنىڭ مىلان شەھىرىدىكى فېستىۋالدا نۇتۇق سۆزلىدى
ئىتالىيىدە زىيارەتتە بولغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 27 – ۋە 28 – نويابىر كۈنلىرى مىلاندا ئۆتكۈزۈلگەن «ھازىرقى زامان فېستىۋالى»دا ئىككى قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەن.
بۇ فېستىۋالغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تونۇلغان يازغۇچى، شائىر ۋە پائالىيەتچىلەر قاتناشقان. رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يولۇقۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە توختالغان.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىدىكى رادىكال پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20 – نويابىر كۈنى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، پائالىيەتلىرىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ 26 – نويابىر كۈنى مىلان شەھىرىگە يېتىپ بارغان ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 30 – نويابىر كۈنى كەچتە شۋېتسىيىگە يىتىپ كەلگەن ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ 1 – كۈنى كرېست دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئانالىيە ئېناكسون خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شۋېتسىيە پارلامېنت بىناسىدا ئاخبارات ئېلان قىلغان.
رابىيە قادىر خانىم پارلامېنت زىيارىتىدىن كېيىن پائالىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.
خىتاي گاز تۇرۇبىلىرىنى كېچىدە چارلاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى
خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى تۇرپان – قۇمۇل نېفىتلىكىدە گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىلىرىنى كېچىدە چارلاش قاتارلىق بىر قاتار بىخەتەرلىك تەدبىرلەرنى ئالغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچىگە قىشلىق گاز يەتكۈزۈش خىزمىتىنىڭ خەۋپسىزلىكى نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى چيۇدۇڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا بىر قەدەر كۈچەيتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە ئادەم كۈچىدىن پايدىلىنىپ قوغدىنىش قاتارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر نېفىت قۇدۇقلىرى، بۆلۈملەر ۋە خىزمەت رايونلىرىدا 3 دەرىجىلىك قوغدىلىش قۇرۇلمىسى ئورناتقان ھەمدە تىز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە چارلاش ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىلىرىنى كېچىدە چارلاشنى يولغا قويغان.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تارقىلىشنى كونترول قىلىش يەنىمۇ زور رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە
دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان يېڭى ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەنگە ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ 27 مىڭ 12 گە يەتكەن. بۇ سانغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئەمەلىي سانىنى 60 مىڭدىن ئاشىدۇ دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدىكەن.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 1 – دېكابىر 22 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولۇپ خىتاي بويىچە 4 – ئورۇندا تۇرىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە تارماقلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك مەسىلە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تارقىلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدىمۇ تارقىلىۋاتقانلىقى، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش قانىلى بولۇۋاتقانلىقى ۋە يېزىلاردىمۇ كەڭرى تارقىلىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
›بىز ئافغان خەلقىنىڭ خوجايىنى ئەمەس، پەقەت ھەمكارلاشقۇچىسى‹
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، تۈنۈگۈن West Point ھەربىي ئاكادېمىيىسىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ كېلەر يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئافغانىستانغا 30 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى، 18 ئايدىن كېيىن، ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوباما بۇ نۇقتىدا مۇنداق بىر مۇھىم ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى: «بىز دۇنيادىكى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرگە ئوخشاش، باشقىلارنىڭ ۋەتىنىنى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنمىدۇق؛ بىز باشقا مىللەتلەرنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىغا كۆز تىكمىدۇق؛ بىز باشقىلارغا دىنىي ۋە مىللىتى بىزگە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن زۇلۇم سالمىدۇق؛ بىز پەقەت، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق؛ باشقىلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئەركىنلىك ئىچىدە ياشىشىنى، ئۆزىمىزنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بەخت ئىچىدە ياشىيالىشى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قاراپ كەلدۇق.»
ئوباما يۇقىرىقى سۆزلىرىگە مەنىداش ھالدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيانىڭ نەرىدە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلار بولسا، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھەققى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى‹ جاكارتا خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلىدۇ
مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى‹ جاكارتا خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلىدۇ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ھىندونېزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىدە چىقىدىغان ›يەر شارى خەۋەرلىرى‹ نىڭ 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىكى سانىدا بېرىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى باش تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم » مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ھىندونېزىيىدە 12 – ئاينىڭ 4 – كۈنى باشلىنىدىغان خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلىدىكەن.
جاكارتا فىلىم فېستىۋالىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان نائۋال ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم جاكارتا خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا تاللانغان داڭلىق فىلىملەرنىڭ ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن
ستېفېن خارپېرنىڭ خىتاي زىيارىتىدە بەزى نازۇك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى
خىتايدا زىيارەتتىكى كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋلار كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە دائىر نۇرغۇن مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ستېفېن خارپېر خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى قويغان.
كانادا – خىتاي باش مىنىستىرلىرىنىڭ ئۆز – ئارا زىيارەتلىرىنىڭ كېچىكىشىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىختىلاپتىكى بەزى نازۇك مەسىلىلەرنىڭ رولى بار ئىدى. ئىختىلاپتىكى بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرى يۈەنخۇا شىركىتىنىڭ مۇدىرى لەي چاڭشىڭ دېلوسى ۋە ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدۇر. كانادا كانۋەست ئاخبارات ئاگېنتلىقى مەزكۇر زىيارەت توغرىسىدىكى بىر خەۋىرىدە، ستېفېن خارپېرنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار يەنە 5 كىشىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى
خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار كىشىلەردىن يەنە 5 كىشىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت خەلق مەھكىمىسى بۇ قېتىملىق سوتتا جەمئىي 13 كىشى ئۈستىدىن سوت ئاچقان.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، قالغانلىرىغا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ: خىتاينىڭ يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.