ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2009.12.03
2009.12.03
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 9 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 – ﻛﯜﻧﻰ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ 26 – ﺋﯩﻴﯘﻥ ﺷﺎﯞﮔﯘﻩﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﯞﻩ 5 – ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo
رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ 1 – كۈنى كرىست دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئانالىيە ئېناكسون خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسىدا مۇخبىرلارغا ئاخبارات ئىلان قىلغان.
ئارقىدىن شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس يېپىق سۆھبەتتە بولغان. رابيە قادىر خانىم پارلامېنت زىيارىتىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈنكى پائالىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشچە، ئۇ شىۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يەنە باشقا پائالىيەتلەردە بولىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.