ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىدىكى زورلۇقسىز رادىكال پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20 – نويابىر كۈنى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، پائالىيەتلىرىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ 26 – نويابىر كۈنى مىلان شەھىرىگە يېتىپ بارغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.11.30
Italiye-Milan-shehridin-bir-korunush-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻼﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﯞﯨﺘﺘﻮﺭﯨﻴﻮ ﺋﯧﻤﺎﻧﯘﻩﻝ II ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ 1870 – ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺋﯘ، ﻣﯩﻼﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ.

http://milanitaly.ca ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
27 – 28 – نويابىر كۈنلىرىى، رابىيە قادىر خانىم مىلاندا ئۆتكۈزۈلگەن «ھازىرقى زامان فېستىۋالى»دا ئىككى قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەن.

بۇ فېستىۋالغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تونۇلغان يازغۇچى، شائىر ۋە پائالىيەتچىلەر قاتناشقان. رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇچار كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىكلىرى ھەققىدە توختالغان.

رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا نېمىلەرنى دېدى؟ ئىتالىيە مىلاندىكى زىيارىتى قانداق ئۆتتى؟ بۇ ھەقتە رابىيە قادىر خانىم ۋە ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن تېلېفون زيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.