د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم، رەسمىي تەكلىپكە بىنائەن ئىتالىيىگە زىيارەتكە بارغان ئىدى. 25 ‏- نويابىر كۈنى كەچتە ئىتالىيە زورلۇقسىز پارتىيىسىنىڭ مەركىزىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالاھىدە يىغىن چاقىرىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.11.26
Rabiye-xanim-yaponiyide-mihmanlargha-salam-bermekte-1-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ 30 – ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.

AFP Photo
بۇ يىغىنغا ئىتالىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى، پارلامېنت ئەزالىرى، مەتبۇئات خادىملىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

يىغىندا ئىتالىيە زورلۇقسىز رادىكال پارتىيە باشلىقى، ئىتالىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى ۋە رابىيە قادىر خانىملار سۆز قىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى مەخسۇس تىلغا ئېلىنغان.

بۇ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ۋە رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.