د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىدىكى زورلۇقسىز رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20 – نويابىر كۈنى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.11.22
Rabiye-xanim-Rimda-yighinda-21-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﺳﻜﻮﺗﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ (ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ‏)، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﻮﻧﯩﻨﻮ ﺧﺎﻧﯩﻢ (ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ) ﯞﻩ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ ﺩﻭﻟﻤﺎ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.

RFA Photo / Erkin Tarim
رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە بۇ پارتىيىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلتايغا ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

بۇ قۇرۇلتايغا يەنە ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خادىملىرى، پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشقان. شۇنداقلا يىغىندا رابىيە قادىر خانىممۇ سۆز قىلغان.

رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا نېمىلەرنى دېدى؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم ۋە ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.