ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا چاقىرىلىپ، ئىككى كۈن داۋام قىلغان 5 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تىبەت يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى. دۇنيادىكى 28 دۆلەتنىڭ 200 ئەتراپىدىكى سىياسى ۋە جامائەت ئەرباپى ئىشتىراك قىلغان يىغىنغا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.11.20
يىغىندا «رىم خىتاپنامىسى» ۋە «ھەرىكەت پىلانى» ماقۇللىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن ئەمەلىي مەسىلىلەردە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىمدا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىننى سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتى، ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ تىبەت گۇرۇپپىسى ۋە ئامېرىكىدىكى تىبەتنى ھامىيە قىلىش خەلقئارا ھەرىكىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرگە ئۇيۇشتۇرغان. ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يىغىن جەريانىدا دالاي لاما بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەن ياكى كۆرۈشمىگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

دالاي لاما ئالدىنقى كۈنى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى، بەلكى خىتاي رامكىسى ئىچىدىكى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا تايانغان ھەقىقىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئارقىلىق تىبەت خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتىنى ھەقىقىي يوسۇندا قوغداش، تىبەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى قوغلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.