2009.11.13

رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
– ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى ياخشىمۇسىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
– مەن ۋۇخۇڭدا بولىمەن، مەن تۇنجى قېتىم 1960- يىلى خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ 1979- يىلىغىچە 19 يىل تۈرمىدە ياتقان. 19 يىلدىن كېيىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ مەن ئۆزەمنى يەنىلا ئەركىنلىككە چىققاندەك ھېس قىلمىدىم. ئۆزەمنى كىچىك تۈرمىدىن چوڭ تۈرمىگە چققاندەكلا ھېس قىلىپ يۈردۈم. 1985 – يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلدىم. كەلگەندىن كېيىن ئوقۇش بىلەن پۇل تېپىش بىلەن بولدۇم. 1990- يىلىغان كەلگەندە مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي تۈرمىلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتۈم. ئۇلار مەندىن سەن خىتايدا تۈرمىدە 19 يىل يېتىپسەن، سەن خىتايدا قانچىلىك تۈرمە بارلىقىنى، تۈرمىلىرىدە قانچىلىك ئادەم يېتىۋاتقانلىقىنى بىلەمسەن دەپ سورىدى. مەن ئۇلارغا مەن بىلمەيمەن، ھازىرغىچە ھېچكىم خىتاينىڭ تۈرمىسىدە زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ يېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، دېدىم.
شۇنىڭ بىلەن مەن بۇنى بىلىپ بېقىشنى ئارزۇ قىلىپ، 1991 -يىلىغا كەلگەندە خىتايغا بېرىپ بۇ ھەقتە ئىزدەندىم. خىتايلار ئۇ چاغدا بۇنى سېزىپ قېلىپ مېنى قارا تىزىملىكىگە ئالغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن 2 – قېتىم يەنى1995 – يىلى خىتايغا بارغىنىمدا ئۇلار مېنى تۇتۇۋېلىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. مەن ئۇ چاغدا 2 ئايلا تۈرمىدە ياتتىم. چۈنكى مەن ئامېرىكا پۇقراسى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلار مېنى ئامال يوق قويىۋەتتى.
خىتاي مېنى ناھايىتى تېزلا دۈشمەن دەپ ئېلان قىلدى. مەن ئۆزەمگە ئۆزەم سوراپ باقتىم. مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم. مەن ئادەم ئۆلتۈردۇممۇ، زەھەر ساتتىممۇ، بانكا بۇلىدىممۇ؟ ياق، مەن ھېچبىرىنى قىلمىدىم. ئەمىسە مېنىڭ گۇناھىم نېمە؟
خىتاي دەيدۇ، مېنىڭ تۈرمەم ئامېرىكىنىڭ تۈرمىدىسىدىنمۇ ياخشى دەپ. ئۇنداق ياخشى بولسا نېمىشقا ئۇنى كۆرگىلى قويمايسەن. راس بولسا نېمىشقا تەشۋىق قىلمايسەن. ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسى قىپقىزىل يالغان گەپ قىلىدۇ. تۈرمە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش مىخانىزمىسى. خىتايدا ھازىرغىچە 400 مىڭدىن 500 مىڭغىچە بولغان ئادەم تۈرمىلەردە ياتتى. نۇرغۇن كىشىلەر تۈرمىلەردە ئۆلدى. مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەقەتلا بىرى. مەن شۇندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىلىرىدىكى دەپسەندىچىلىكلەرنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقتىم.
– بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئېچىش ئارقىلىق سىلەر نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى بولدۇڭلار؟
– بىز بۇ ئارقىلىق كىشىلەرگە شىنجاڭدا ئىككى خىل بېىسم سىياسىتىنىڭ بارلىقىنى دېمەكچى بولدۇق. بىرى، بىڭتۇەنىنىڭ، يەنە بىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بېسىم سىياسىتى. مەيلى نېمىلا بولسۇن ھەر ئىككىلىسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم مىخانىزمىسى. مەدەنىيەت، ئېتىقاد، سىياسىي جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن بېسىم سىياسىەتلىرىنى ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەيلى قانچىلىك تەرەققىي قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ بۇ قىلىۋاتقانلىرى ھەممىسى ئىنسانلىققا خىلاپ قىلمىشلار.
– ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى، ھازىرغىچە بۇ كۆرگەزمىنى كۆرگەنلەر نېمە دەيدۇ، ئۇلار سىزدىن نېمىلەرنى سورىدى ؟
– كۆرگەزمىنى كۆرگەنلەر بۇ ئىشلارنى قەتئىي ئاشكارىلاش كېرەكلىكىنى دېيىشۋاتىدۇ. بىر كىشىنى مەدەنىي، دىنىي، كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىشنىڭ قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى دېيىشۋاتىدۇ.
– ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى، ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن كىشىلەر ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمىگەنلىكىنى دېيىشىۋاتىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟
– بۇرۇنقى كىلىنتون ۋە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئاساسەن خىتاي بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭلا گېپىنى قىلدى. ئەمدى ئوباما قانداق قىلىدۇ، مەن ھازىرچە ئۇنىڭغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن. ئەگەر ئۇمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلنى داۋام قىلىدىغان بولسا، مەن ئۇلاردىن شۇنداق بىر نەرسىنى سورايمەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بۇ دۆلەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقىدەك بىر ئالۋاستى دۆلەت بىلەن تىجارەت قىلىشقا، ئۇلارغا پۇل بېرىشكە، ئۇلاردىن مال ئېلىشقا بولمايدۇ،دېگەن ئىدىغۇ؟ ئۇلار ئەنە شۇنداق ھەر تەرەپلىمە بېسىملەرنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ بۇ دۆلەتنى پارچىلىغان ئىدىغۇ. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، ئۇلار خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىمىز، دەۋاتىدۇ. خىتاي بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نېمە پەرقى بار ئىدى. ئىككىسى ئوخشاشقۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ناھايىتىمۇ بىر خاتا سىياسەت. بۇ دۆلەتلەر ھازىر مانا خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپىتالىست دۆلەتكە ئايلاندى، دەۋاتىدۇ. لېكىن ئۇنتۇپ قالماڭ، خىتاي بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەربىي جەھەتتىنمۇ كۈچلەندى. خىتاي ھازىر تاشقى سىياسەت قاتارلىق مەسىلىلەردە ئامېرىكىنىڭ چىشىغا تەگمەي تۇرغان بىلەن، ھامان بىر كۈن ئامېرىكىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر دېكتاتۇر ھاكىمىيەت.
بىز كۆرگەزمە جەريانىدا كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر ئامېرىكىلىق خانىمغىمۇ مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ خانىم بىزگە كۆرگەزمىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما كۆرگەزمىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرگەندىن كېيىن بىلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقىنى ئېيىتتى.
– بۇ تولىمۇ ئۆزگىچە ئىكەن. مەن خىتايدا مۇسۇلمانلارنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆردۈم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دىنىي جەھەتتىن بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇم. بۇنىڭغا ھەيران قالدىم. مەنچە بۇ ئەھۋاللارنى كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپرەك تەشۋىق قىلىش كېرەك.
بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئېرك ئىسىملىك يەنە بىر ئامېرىكىلىق زىيارەتچىگىمۇ مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى:
– مەن ئۇيغۇرلار توغرىلىق جىق نەرسە بىلىمەن. چۈنكى مەن ئىنسان ھەق – ھوقۇقلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرگەن ئىدىم. مەنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا ياز ئايلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردە تېخىمۇ شۇنداق بولدى. بۇلار ھەقىقەتەن كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلار.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.