2009.11.13
3 – قېتىملىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى تورونتودا ئېچىلىپ ئاياغلاشتى
مۇشۇ ئاينىڭ 7 – كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 3 – قېتىملىق ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى 3 كۈن داۋام قىلىپ مۇشۇ ئاينىڭ 9 – كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئاخىرلاشتى.
60 تىن ئارتۇق كۇرسانت قاتناشقان بۇ كۇرستا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە خانىم ۋە دېموكراتىيە – كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى 5 – ئىيۇل نامايىشىغا ئالاقىدار 9 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى
خىتاي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى، 5 – ئىيۇل نامايىشىغا ئالاقىدار جىنايەتلەر بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان 9 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ھالبۇكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ قاچان ۋە قەيەردە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر 9 نەپەر جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە جاۋابكارلارغا ئائىلىسى بىلەن ۋىدالىشىشقىمۇ پۇرسەت بېرىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ نۆۋەت ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان تۇنجى گۇرۇپپا 9 كىشىنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئاشكارىلىمىدى.
بۇ ھەقتە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بەرگەن د ئو ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئەگەر غەرب ئەللىرى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتمىسە، خىتاينىڭ يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئاتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا `خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى‹ تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى
11 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى.
يىغىنغا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى باشلىقى دوكتور مەمەت ئاكىف ئوقۇر رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى » خىتاي – تۈرك مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان » تېمىسىدا، خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بولسا » چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.
يىغىنغا 300 ئەتراپىدا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى قاتناشتى. بۇ يىغىننى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان.
ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
بۇ ھەپتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا » شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى تەبرىكلەش پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى. جۇمھۇرىيەت كۈنى، 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئىستانبۇلدا، 9 – كۈنى ئالماتا ۋە بېشكەك شەھەرلىرىدە تەبرىكلەندى.
ئىستانبۇلدىكى خاتىرە يىغىنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ سۇلايمانىيە كۈلتۈر مەركىزى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش، شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. 9 – نويابىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئالماتىنىڭ دۇرۇژبا مەھەللىسىدە توپلانغان ئۇيغۇرلار يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، 12 – نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى.
ئوباما خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيادىكى 4 دۆلەت زىيارىتىدە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا بىلەن بولغان سۆھبىتىدە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوباما خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا بىلەن ئامېرىكا – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى، دۇنيا كىلىماتى مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن سىرت، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ پىكىر، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، قانۇن -تۈزۈم مەسىلىسى ھەم تىبەت مەسىلىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ئوبامادىن زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
نۆۋەتتە پرېزىدېنت ئوباما ياپونىيىدە زىيارەتتە بولماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تەنقىدلەندى
ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئاسىيا زىيارىتىنى باشلاش ئالدىدا تۇرغان پرېزىدېنت ئوبامانى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا دەۋەت قىلدى.
بۇ ھەقتىكى پىكىرلەر 10 – نويابىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە ئېچىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئىلگىرى سۈرۈلدى.
يىغىندىن بۇرۇن، يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى ۋە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا قاتتىقراق كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرستوفېر سىمىس، خىتايدا دۆلەت زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوچۇق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنتتىن تەلەپ قىلىدىغىنىمىز بەكمۇ ئاز. پرېزىدېنتمۇ مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش مەسىلىسىنى بىلىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنىڭدىن، بىز بايا رەسىمدە كۆرگەن بىچارە ئايالنىڭ، مۇشۇ پەيتلەردە ۋە يەنە كەلگۈسىدە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشكە دۇچ كېلىدىغان مىليونلىغان ئاياللارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن، ئوچۇق – ئاشكارا ۋە سەمىمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، ئوتتۇرىغا قويغاندىمۇ كەسكىن رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىمىز.»
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ بۇ ھەقتە توختالدى ۋە 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنىڭ، دۇنيا جامائەتچىلىكى بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا يۇمشاق قول سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى، 9 ئۇيغۇرنى ئادىل سوتلىمىدى دەپ ئەيىبلىدى
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 11 – نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى، مۇقىمسىز ئۈرۈمچىدە 9 ئۇيغۇرنى ئادىل سوتلىمىدى دەپ ئەيىبلىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى روزىين رىف، بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىنى تاللىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقى، سوتلاش جەريانى ئوچۇق – يورۇق بولمىغانلىقى، بەلكى سوتلاش ۋاقتىنى ئىنتايىن قىسقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاقلىغۇچىلارنىڭ سۆزلىشىگە چەكلىمە قويغانلىقى، جىنايەت دەلىللىرى ئۈستىدە ئوچۇق، كەڭ دائىرىلىك ۋە تەكرار -تەكرار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغانلىقى، سوت تەرتىپىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگىلا ئەمەس، بەلكى قانۇن ئۆلچىمىگىمۇ توشمايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆرسەتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنى يوقلىدى
تۈنۈگۈن، 11 – نويابىر كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئېلشات ھەسەنجان ئەپەندى پالاۋغا يېتىپ كېلىپ، پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇلارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مىننەتدارلىقى ۋە يولباشچى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى.
ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن – مىللەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.