2009.11.12

ئىلشات ئەپەندى بۈگۈن پالاۋ پايتەختى كورور شەھىرىدىكى Penthouse مېھمانخانىسىدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پالاۋ خەلقى، پالاۋ ھۆكۈمىتى ۋە پالاۋ پرېزىدېنتىغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئالاھىدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئىلشات ئەپەندى يىغىندا ئالدى بىلەن، ئەسلىدە بۇ قېتىم پالاۋغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەلمەكچى بولغانلىقىنى، ئەمما 8 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگىنى ئۈچۈن، رابىيە خانىمنىڭ خىزمەت كۈن تەرتىپىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك پالاۋغا كېلىش پىلانىنىڭ كېيىنگە قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆزۈر سورىدى. ئارقىدىن ئۇ، بۇ 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھايات ھىكايىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شۇنداقلا، پالاۋنىڭ بۇ 6 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشىنى، پالاۋنىڭ ئامېرىكىغا قارىتا دوستانىلىقى دەپ چۈشىنىش بىلەن بىرگە، يەنە پالاۋ خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانىي ياردىمى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن باشقا پالاۋدىكى بىر قىسىم يەرلىك ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ ئىشتراك قىلدى.

يىغىنىدا ئىلشات ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ 6 ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئىلشات ئەپەندى يىغىندا يەنە، شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 8 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئۆتكەن ھەپتە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى.
ئىلشات ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ، ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق ئىرادىسىنى سۇندۇرۇرالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۆلۈم جازالىرى مۇشۇ خىل داۋام قىلسا، بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارغا مەجبۇرلاپ قويىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئەگەر خىتاي تېنچلىقنى خالىسا، زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىغا، ئامېرىكىنىڭ 6 نەپەر ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل خادىمى Tedd ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئۇ يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار ھەققدىكى تەسىراتىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشچانلىقى ۋە تىرىشچانلىقىغا قايىل بولغانلىقىنى، مىجەز – خاراكتېر جەھەتتىن چىقىشقاق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پالاۋ جەمئىيىگە ئاسانلا ماسلىشىپ كېتەلەيدىغانلىقىدىن گۇمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.