ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، » خىتاي ھاكىميىتى ئاستىدا 60 يىلدىن بۇيان زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار» تېمىلىق كۆرگەزمە بۈگۈن ئېچىلىشقا باشلىدى. بۇ كۆرگەزمە «لاۋگەي» تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋۇ خۇڭدا تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.11.12
ئۇيغۇر رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئېچىلىش مۇراسمىغا قاتناشتى ۋە مەخسۇس نۇتۇق سۆزلىدى. كۆزگەزمىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ۋۇ خۇڭدامۇ ئېچىلىش نۇتقى قىلدى.

بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى سىياسىي كەچۈرمىشلىرى، بولۇپمۇ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم، سىنئالغۇ ۋە ماقالە، ئوبزورلار قويۇلغان.

كۆرگەزمە بۈگۈندىن ئېتىبارەن 3 ‏- ئايغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خادىملىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە مەتبۇئاتچىلار تەكلىپ قىلىنغان.