2009.11.10

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما تۈنۈگۈن (دۈشەنبە كۈنى) ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىنى مۇھىم ھەمكارلىق ۋە رېقابەت مۇناسىۋىتى، دەپ جاكارلىدى. بۇ، ئوبامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتى بۇيىچە قوللىنىدىغان سىياسىتىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا جاكارلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتى – چىڭ پۇت تېرەپ تۇرۇپ ھەمكارلىشىدىغان ۋە رېقابەتلىشىدىغان مۇناسىۋەت
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىنى كېلىمات ئۆزگىرىشى، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش، يادرو قوراللىرى تارقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلىرىدە خىتاي بىلەن چىڭ پۇت تېرەپ تۇرۇپ ھەمكارلىشدىغان ۋە رېقابەتلىشىدىغان مۇناسىۋەت، بۇ مەسىلىلەردە قايسى بىر تەرەپ ئۆز خاھىشى بۇيىچە ئىش قىلىپ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىستىمالچىلارنى ۋە بازار ئىگىلىكىنى نەزەردە تۇتقان رېقابىتى، خەلقئارا ئۆلچەمگە توشىدىغان رېقابەت بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدىكى توسالغۇلار ھەل قىلىنمىسا، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوباما ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىسىدە ›خىتاي تەرەپ ئامېرىكىغا ئىكىسپورت قىلغان كۆپ مېقتاردىكى ئەرزان ماللار ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىنى مول مەزمۇنغا ئىگە قىلدى، ئەمما بۇ جەھەتتە ئامېرىكىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە شەخسىيلەر بۇنى زايومغا تايىنىپ ئىستىمال قىلدى. بۇنداق سودا مودېلى بۇيىچە، بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي كرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئامانەت پۇل ۋە سەرپىيات ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى لازىم بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايغا تېخىمۇ كۆپ مال ئىكىسپورت قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقىنى ئامېرىكا ماللىرىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى لازم بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئالدى بىلەن پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش قىممىتى ھەققىدىكى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك. شۇنداق بولسا، ھەر ئىككى دۆلەت سودىدىن ئوخشاش مەنپەئەت ئالىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتتىمۇ مۇقىملىق كۆرىلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدىكى توسالغۇلار ھەل قىلىنمىسا، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ‹ دەپ تەكىتلىدى.
ئوباما بۇ قېتىم خۇجىنتاۋ بىلەن خەلقنىڭ پىكىر ئەرلىكىنكى، دىنىي ئەركىنلىكى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ ئادىل بولۇشى ھەققىدە سۆزلىشىدۇ
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما خىتايدىكى تۆت كۈنلۈك زىيارىتىدە، خۇجىنتاۋ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، تەپسىلىي قىلىپ ئېيتقاندا، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىكى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ ئادىل بولۇشى ھەققىدە سۆزلىشىدۇ. ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە ئوبامادىن بۇ ھەقتە نەتىجە كۆرۈلۈشىنى كۈتىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دىنىي ئەركىنىك كومىتېتى ئوباماغا تىبەت، ئۇيغۇر، فالۇنگوڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى
بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان ئۇچۇر ئاخباراتىدا، ئوبامانىڭ، ھازىر كىشىلىك ھوقۇقنى رەت قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە تىبەت، ئۇيغۇر ۋە فالۇنگوڭ مەسىلىسىنى بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەشەببۇس قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دىنىي ئەركىنىك كومىتېتىنىڭ بۇ ئۇچۇر ئاخباراتىدا، خىتاي ھازىر خىرىستيانلارنىڭ، كاتولىكلارنىڭ، تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ، فالۇنگوڭچىلارنىڭ تىنچ ئېلىپ بېرىۋاتقان نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى ›قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت‹ دەپ باستۇرۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ تىبەت، ئۇيغۇر رايونلىرىدا، تىبەتلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ھەربىي قىسىملار بىلەن باستۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلمايۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى ۋە قانۇن بۇيىچە ئەركىنلىكنى قوغداشنى كۈن تەرتىپكە قويغان ئادۋوكاتلارنى چەكلەۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ بۇ ئۇچۇر ئاخباراتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچ دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ۋە ئەركىنلىكنى ئىپادىلەپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى دەرھال تۈرمىدىن بوشىتىشى لازىم دەپ كۆرسەتتى شۇنداقلا يەنە، رابىيە قادىرنىڭ ئائىلە تەۋەباتلىرىنى دەرھال تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشى لازىم دەپ كۆرسەتتى.