2009.11.09

بۈگۈن «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» دا ئۈرۈمچى ۋەەقەسىگە دائىر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلاردىن 9 نەپىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەر تارقىتىلدى. ئەمما خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ 9 نەپەر ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى زادى قايسى كۈن، قايسى جايدا ئىجرا قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، بۇ كىشىلەرنىڭ چارشەنبە كۈنى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئالغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەر ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئاۋالمۇ ئائىلىلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن ئاخىرقى قېتىم يۈز كۆرۈشىۋېلىش تەلىپىگە قوشۇلمىغانلىقىنى بايان قىلدى.
9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
ھازىر كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى بىلەن يىغىن ئېچىۋاتقاندا ئاڭلىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
يىغىنغا تۈركىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن قاتتىق نەپرەتلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
«جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە دائىر يەنە باشقا 10 دېلوغىمۇ قاراپ چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ 10 دېلو بويىچە يەنە 20 كىشى ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئوت قويۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.