خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى بۇ قېتىم كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە 7 – نويابىر كۈنى رەسمىي باشلاندى. كۇرس ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى كۇرس تورونتو شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.11.08
تورونتودىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، 7 – نويابىر كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ كۇرسنى تەبرىكلىگەن شۇنىڭدەك يەنە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مەسۇل خادىمى لۇيىسا خانىممۇ بۇ فوندنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللاش مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ كۈن تەرتىپتىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا يەنە ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق ئەللەرنىڭ بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلىرى، ئاممىۋى ۋە ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك كانادا پارلامېنتىنىڭ ۋەكىلىمۇ سۆز قىلغان.

كۇرسقا ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئەللىرى ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن 60 تىن ئارتۇق ئايال قاتناشقان بولۇپ، كۇرس ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە داۋاملاشماقتا.