ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم كېلەر ھەپتە پالاۋغا بېرىپ، گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 6 ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىدۇ. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم پالاۋغا گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن 6 نەپەر ئۇيغۇرغا روھىي جەھەتتىن مەدەت بېرىش، ئۇلاردىن ھال سوراش ئۈچۈن بارىدۇ.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.11.06
مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم بۇ زىيارىتى جەريانىدا يەنە، پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىيوڭ بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن.
پالاۋ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 6 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ۋاقتىنچە پاناھلىق بەرگەن ئىدى.

پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبيوڭ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئۇيغۇر جامائىتى ئولتۇراقلاشقان دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيىنىڭ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ 6 ئۇيغۇرغا تولىمۇ باپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاۋسترالىيىنى ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.