2009 – يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 1 – كۈنى ئىستانبۇلنىڭ فەسھانە يىغىن زالىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك ئەپەندى تۈركىي مىللەتلەر ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى بىلەن مۇخبىرلارغا زىياپەت بېرىپ باش مىنىستىرلىق تارمىقىدا قۇرۇلىدىغان تۈركىي مىللەتلەر باشقارمىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى. زىياپەتكە كۆپ ساندا سىياسەتچىلەرمۇ قاتناشقان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.11.05
Istanbulda-Turki-xeliqler-yighini-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 11 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﻓﻪﺳﻬﺎﻧﻪ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ›ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ‹ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺳﯩﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻓﺎﺭﯗﻕ ﭼﯧﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﭼﯩﻤﻪﻥ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﻮﻥ ﻛﯩﻴﮕﯜﺯﮔﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

RFA Photo / Arslan
يىغىنغا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ھەممىسى ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدى.

بۇ يىغىندا  تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك سۆز قىلىپ باش مىنىستىرلىق تارمىقىدا تۈركىي مىللەتلەر باشقارمىسى نامىدا بىر ئىدارە قۇرۇلىدىغانلىقىنى، بۇ ئىدارىنى قۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ دۇنياۋىيلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە تۈركىيىنى دۇنياغا تونۇتۇش شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

زىياپەت ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى سەھنىگە چىقىپ، دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىككە، ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى شۇنداقلا تۈرك خەلقىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا قىلغان ھېسداشلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چىمەن دوپپا ۋە تون چاپان كېيدۈردى.

بىز قۇرۇلماقچى بولغان بۇ باشقارمىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ۋە ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدىسى بولار؟ تۈركىيىگە كېلىۋاتقان كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ كونكرېت مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بولۇشىغا پايدىسى بولارمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.