مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانى خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىقا، خىتاي رەھبەرلىرىگە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.11.05
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى لاررىي كوكسنىڭ نامىدىن يېزىلغان خەتتە،»كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەقىقىي تۈردە مۇزاكىرە قىلىنمىسا، بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ جىددىي ئەمەسلىك سىگنالىنى بېرىدۇ» دېگەن.

لاررىي كوكس، ئوبامانىڭ ئاساسلىقى كونكرېت تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەلەپلەر خىتاي يازغۇچى شى تاۋ، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئابلىكىم ئابدۇرېھىم، ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە تىنچ نامايىشقا قاتناشقان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، ئادۋوكاتلارنىڭ ئاقلاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى بېرىش ۋە دىنىي چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش، خىزمەتكە ئېلىش جەھەتتىكى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

پرېزىدېنت ئوباما بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ زىيارەت ھارپىسىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سودىغىلا ئېسىلىۋالماي، كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.