تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ جۈمە كۈنى تەيۋەن – خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر مۇھىم بىر يىغىنغا قاتناشقاندا تەيۋەننىڭ «ئاپپېل كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ بىر مۇخبىرى ئۇنىڭدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تېررورچىمۇ، دەپ سوئال قويغان. ما يىڭجۇ بۇ سوئالغا «ياق، ئۇ تېررورچى ئەمەس،» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەمما بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلەشتىن ئۆزىنى تارتقان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.10.23
تەيۋەندىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رابىيە خانىمنى 11 – ئايدا تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىشى بىلەن باشلانغان بۇ دەۋادا، ئۇزۇن تالاش – تارتىشلاردىن كېيىن، تەيۋەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جياڭ يىخۇا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى كۆزدە تۇتۇش دەپ ئىزاھلىغان ئىدى. ئۇلار ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككى تېررورچى تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم بولسا تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى كەسكىن رەت قىلىپ، ئەگەر تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئەپۇ سورىمىسا، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن تەيۋەن تەرەپ، «تەيۋەن ھۆكۈمىتى ھېچقاچان رابىيە قادىر خانىمنى تېررورچى دېمىدى، ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىمۇ تېررورچى تەشكىلات دېمىدى» دەپ ئىزاھات بەرگەن ئىدى.

ئەمما رابىيە قادىر خانىم بولسا، تەيۋەن تەرەپنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى تۈپەيلى ئۆزىگە ۋىزا بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىك بولماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.