2009.10.16
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركىل خانىم ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قاتنىشىشىدىكى يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، «سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش»نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. رابىيە خانىم جۈمە كۈنى گېرمانىيە دولقۇنى رادىئوسىنىڭ بونىندىكى مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
ئۇ يىغىندا خەلقئارا جەمئىيەتنى «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھسىز تىنچ نامايىشچىلار ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاخىرىقى ھېسابتا سۆھبەت بىلەن تىنچ ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ رابىيە خانىمنىڭ فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ، ئۇ تۈنۈگۈن گېرمانىيىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.