مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.10.15
2009.10.15
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلار باياناتىدا خىتاينىڭ بۇ سوتىنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي تۈس ئالغانلىقىنى، بۇ سوتنىڭ مەيلى خىتاينىڭ مەيلى خەلقئارانىڭ ھېچقانداق ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇلار باياناتىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ئېچىلىۋاتقان سوتلارنىڭ ئوچۇق – ئاشكارە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ھېچقانداق قانۇنى تەرتىپ بىلەن ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇنىڭغا كۆڭۆل بۆلۈشكە چاقىردى.
باياناتتا رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ سۆزىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم بۇ ئۆلۈم جازالىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر سىياسىي سىگنال ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى كۆرسىتىپ، ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ يەنە، ئۆلۈم جازاسى بېرىشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.