ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈلۈشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى يېڭى زېلاندىيىدىكى زىيارىتى جەرياندا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى بىگۇناھ ھالدا گۇەنتانامودا يېتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئۇلاردىن ياخشى خەۋەر ئېلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.10.14
رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنى يەرلەشتۈرۈشكە ئامېرىكا ئەڭ مۇۋاپىق. ھېچ بولمىغاندا بۇلارنى بىر قىسمى بولسىمۇ ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.»

گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 4 نەپىرى بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە 13 نەپەر ئۇيغۇرنى ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋ جۇمھۇرىيىتى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغان ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان رابىيە قادىر خانىم، ناۋادا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى پالاۋغا بېرىشقا قوشۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.

ئىلگىرى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئەڭ ئاز دېگەندە 4 ياكى 8 نەپىرىنىڭ پالاۋغا ئالدىن يەرلەشتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم يېڭى زېللاندىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 14 – ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن گېرمانىينىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كىتاب يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يول ئالغان.