يېقىندا ئاۋسترالىيىدىكى بىر تەتقىقات مەركىزى، «ئاۋسترالىيە ۋە دۇنيا» دېگەن تىمىدا رايى سىناش ئېلىپ بارغان. رايى سىناش مەزمۇنى ئاساسلىقى، ئاۋسترالىيىنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە بولۇپ، رايى سىناش نەتىجىسى، كۆپ ساندىكى ئاۋسترالىيىلىكلەرنىڭ خىتايغا قىززىقماسلىق، ھەتتا خىتاينى تەھدىت دەپ قاراش كەيپىياتى ئاشكارىلانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.10.13
Lowy تەتقىقات مەركىزى بۇ تۈردىكى رايى سىناشنى 5 يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى يىللاردا ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىدە، خىتايغا قارشى بۇ نارازىلىق كەيپىياتى بايقالمىغان.

مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيىدە خىتاينىڭ شىركەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى، مەبلىغىنىڭ ئېشىپ مېڭىشى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركىەتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيىگە قول ئۇزۇتۇشى، ئاۋسترالىيىلىكلەرنى بىئارام قىلغان. رايى سىناشتا 57% ئاۋاز، خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاۋسترالىيە ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتىرېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، ئاۋسترالىيىلىكلەردىكى بۇ خىل سوۋۇش كەيپىياتىغا، دالاي لاما ۋە رابىيە قادىر خانىملارنىڭ ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلىشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۈركىلىشمۇ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى بولغان.