نورۋىگىيە نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتى جۈمە كۈنى 2009 ‏ – يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباماغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇكاپاتنىڭ پرېزىدېنت ئوباماغا بېرىلىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ «خەلقئارا دىپلوماتىيە ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقى»نى تەقدىرلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.10.09
نوبىل كومىتېتى يەنە ئوبامانىڭ خەلقئارا سىياسى سەھنىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك دىپلوماتىيىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، ب د ت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، خەلقئارا ئىختىلاپلارنى سۆھبەت ۋە دىئالوگ بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن مۇكاپاتنىڭ ئوباماغا بېرىلگەنلىكى غەرب ئەللىرىدە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى ۋە تالاش – تارتىش قوزغىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى رابىيە قادىر «ئەمدى ئۇ، بۇ مۇكاپاتقا لايىق بەزى ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ زۇلۇم ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىشىغا بولغان ئارزۇ – ئۈمىدلەرنى كۈچەيتتى،» دەيدۇ. رابىيە خانىم ئىلگىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ 5 ‏ – ئىيۇلدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە «سۈكۈت قىلدى» دەپ تەنقىدلىگەن.

لېكىن مۇكاپاتنىڭ ئوباماغا بېرىلگەنلىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى رەھبىرى ۋاڭ دەننى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. ئۇ بۇ مۇكاپاتقا «جۇڭگونىڭ مۇھتاج» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى باروسسو، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل، جەنۇبىي ئافرىقا ئېپىسكوپى ئېدمونت تۇتۇ قاتارلىقلار نۇرغۇن كىشىلەر مۇكاپاتنىڭ ئوباماغا بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن.