2008 ‏- يىلى يۈز بەرگەن تىبەت ۋەقەسى ۋە بۇ يىل 5 ‏- ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى خىتايدا مىللىي مەسىلىنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ، ناھايىتى جىددىي ئەھۋالغا بېرىپ قالغانلىقىنى نامايەن قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.10.08
Rabiye-Urumqi-PressClub-305ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 5 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﺍ، 2009 – ﻳﯩﻠﻰ 20 – ﺋﯩﻴﯘﻝ، 2 – ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ، 5 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

RFA Photo
ئامېرىكىدىكى يىرىك تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان «مىراس فوندى جەمئىيىتى» پەيشەنبە كۈنى يىغىن چاقىرىپ، خىتايدىكى مىللىي ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە مۇتەخەسسىس، دىنىي زات ۋە سىياسى پائالىيەتچىلەرنىڭ پىكىرىنى ئالدى.

ئامېرىكىدىكى يىرىك ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ بىرى- مىراس فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى پەيشەنبە كۈنكى يىغىن «خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ۋە مىللى مەسىلىلەر — يېڭى ئۇسۇلدىكى ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنىڭ زامانى » دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىن، 2008 ‏- يىلى لخاسا ۋەقەسى ۋە بۇ يىل 5 ‏- ئىيۇلدا ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، خىتايدىكى مىللىي مەسىلە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مەزگىلدە چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىننىڭ مەقسىتى مۇتەخەسسىسلەر، سىياسى پائالىيەتچىلەر ۋە دىنىي زاتلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكىرىنى ئېلىش، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە ‏- تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىدى.

يىغىندا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوند جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور لېې ئېدۋاردس، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى، لېكىن بۇ ھوقۇقنى قاچان، قەيەردە، قانداق ئىشلىتىشنى دىنى مۇخلىسلار ئەمەس، ھۆكۈمەت قارار قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكى چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 1999″: ‏- يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىغا ئاساسەن خىتاينى ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى خىتاي دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك دەپدەندە قىلىنىش ۋەقەسى كىشىنى چۆچىتىدىغان بىر ئەھۋالدا. بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۈر بىر مەسىلە. بۇنى كۆرمەسلىكە سېلىشقا ياكى ئۇنى كىچىكلىتىشكە بولمايدۇ. بۇ مەسىلە يەنە ئىقتىسادى ۋە سىياسى سەۋەبلەرنىڭ كۆلەڭگۈسىدە قالسا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

يىغىندا دوكلات بەرگەن زاتلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمدۇر. ئۇ، مىراس فوندى جەمئىيىتىدىكى سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنى مىللىي سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۈتكۈزۈشكە چاقىردى.

رابىيە خانىم مۇنداق دەيدۇ «: ئەگەر بىز بۇ يىل 7 ‏- ئايدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە 2008 ‏- يىلى مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن تىبەت ۋەقەسىدىن ساۋاق ئالماقچى بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى يېتىم قالدۇرۇش، ئۇلارغا توختاۋسىز ›قاتتىق زەربە بېرىش‹ ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى توختىتىشى لازىم».

رابىيە خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مېنىڭ بىلەن، دالاي لاما ھەزرەتلىرى بىلەن ۋە بىزگە ئوخشاش بۆھرانغا ئۇچرىغان، ھۆكۈمەت سىياسىتىگە قوشۇلمىغانلىقى ئۈچۈنلا ھاقارەتكە ئۇچرىغان، تۈرمىگە تاشلانغان ۋە كەمسىتىلگەن گۇرۇھلار بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇش ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى پەلسەپە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور جاڭ بوشۇي يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتايدىكى مەسىلىنىڭ نىگىزى سېستىمىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، 60 » يىلدا جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھەقىقەتەن زور ئىلگىرىلەش بولدى. بولۇپمۇ ئىقتىسادى ساھەدە. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە زىددىيەتلەر باش كۆتەردى. بەزى دوستلار دائىم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمىدى، مىللىي مەسىلىلەردە ئاز سانلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي ھوقۇقى ھۆرمەت قىلىنمىدى، دەپ تەنقىد قىلىدۇ. مەن شۇنى تەكىتلىمەكچى، مەيلى دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، مەيلى مەدەنىيەت ھوقۇقى بولسۇن، بۇ يەردىكى مەسىلە ئاخىرى بېرىپ، جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىگە تاقىلىدۇ. بۇ يەردىكى نىگىزلىك مەسىلە جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلىدۇر» دەپ تەكىتلىدى.

تۈزۈلمىدىكى بۇ توسالغۇدىن قانداق ئېشىش كېرەك ؟ جاڭ بوشۇي مۇنداق دەيدۇ»:بۇ توسالغۇنى ئاتلاپ ئۈتۈشنىڭ يولى جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۈر. بۇ مەسىلىدە جۇڭگونىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تونۇش جەھەتتىكى ئورتاقلىقى بار». جاڭ بوشۇي مىراس فوندى جەمئىيىتىدىكى سۆزىدە يەنە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خاتالىقىنى تەنقىد قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، لېكىن تەنقىد ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، مىللىي مەسىلە نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، مىللىي مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش خىتاينىڭ كەلگۈسىدە تىنچ ئۆزگىرىشىدىكى نىگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، » شۇڭا مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنى جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھات باسقۇچىدىكى بىر مەسىلە ياكى ئۇنىڭ بىر قىسىمى دېيىشكە بولىدۇ… مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تىنچ ئۆزگىرىشىگە ئىجابىي تۆھپە قوشۇش، دەپ قارايمەن… لېكىن بۇ كومپارتىيىگە ئوخشاش، ئوخشىمىغان پىكىردىكى تەرەپلەر ۋە مەسىلىلەرگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە مۇئامىلە قىلىش بىلەن بولماسلىقى كېرەك… مەن جۇڭگو بوگۇن دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى جۈملىدىن مىللىي مەسىلە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھاكىمىيەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىدا ھەل بولىدۇ، دەپ قارايمەن،» دەيدۇ.

رابىيە قادىر خانىم بولسا، يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى يۈزگۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى. ئۇ، ئۇيغۇرلار نەزىرىدە، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش سىياسىتى بۇ ئاسسىمىلىياتسىيىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىراس فوندى جەمئىيىتىدىكى يىغىندا يەنە، ئامېرىكىدىكى خىتاي خرىستيان دىنىي جەمئىيىتى‏ – جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى باب فۇ، بېيجىڭلىق خىتاي تەتقىقاتچى ۋاڭ گۇاڭشى، مەركىزى نيۇ يوركتىكى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى تەنزىن دورجى ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئېنخېباتۇ توگۇچۇقلار دوكلات بەردى.