2009.10.08
مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مىللىي زىددىيەت ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى ھەققىدە پىكىر لايىھىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا نۆۋەتتە خىتايدىكى دىنىي ۋە مىللىي مەسىلىلەرنىڭ خىتايدا ئىناق ۋە مۇقىم جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەقەلەرنى غەربتىكى تاشقى كۈچلەر پەيدا قىلدى دەپ قاراۋاتقانلىقى؛ يەنى مەسىلىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ توغرا يەكۈن چىقىرالمايۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغان «مىراس فوندى جەمئىيىتى» مۇستەقىل بىر تەتقىقات ئورنى بولۇپ، 1980 - يىللاردىن باشلاپ،خەلقئارادىكى جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنى پىكىر ۋە لايىھەلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.