تەيۋەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جياڭ يۈخۇا بۈگۈن تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىكنى رەسمىي قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.10.08
مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جياڭ يۈخۇا تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسانىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى كىشى ئىكەنلىكىنى ئىگىلىگەنلىكىنى قايتا ئەسكەرتىپ، تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىكنى رەسمىي قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى تېررور تەشكىلاتى دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسانىڭ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەيۋەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جياڭ يۈخۇا سۆزىدە يەنە، تەيۋەننىڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىكىنى قارار قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ قانداقتۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى ياكى ئۇلار بىلەن كېلىشىش نەتىجىسىدە ئېلىنغان بىر قارار ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

رابىيە قادىر خانىم تەيۋەندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دېكابىرنىڭ بېشىدا تەيۋەننى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئىدى. ئەمما تەيۋەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تېررورچى تەشكىلات بىلەن قويۇق ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى تەيۋەندە قاتتىق مۇنازىرە پەيدا بولغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ بۇ سۆزىگە قاتتىق رەددىيە بەرگەن ئىدى.