2009.10.06
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ، 23 – ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻏﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﮕﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﻪﻳﯟﻩﻥ ﻳﺎﺵ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ Freddy ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتىلەردە ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، ياكى رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق دىن چېكىنسە، ياكى دولقۇن ئەيسا د ئۇ ق باش كاتىپلىقىدىن ئىستىپا بەرسە، رابىيە خانىمنىڭ مۇۋاپىق پۇرسەتتە تەيۋەنگە كېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىدەك ئېغىر شەرتلەرنى تىلغا ئالغان.
2006 – يىلى تەيۋەنگە بېرىپ سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن ئەركىن شوغۇللانغان دولقۇن ئەيسا مەسىلىسىنى تەيۋەن ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۈگۈن كۆككە كۆتۈرۈپ چىقىدۇ ؟ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى، گومىنداڭ خىتايلىرى بىلەن گۇڭچەنداڭ خىتايلىرىنىڭ ماھىيەتلىك پىرىنسىپلىرىدا پەرق يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر خەلقىدىن ئەپۇ سورىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سوتقا تارتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.