ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.10.06
2009.10.06
مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ يىغىن ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، نۆۋەتتە خىتايدىكى دىنىي ۋە مىللىي مەسىلىلەرنىڭ خىتايدا ئىناق ۋە مۇقىم جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەقەلەرنى غەربتىكى تاشقى كۈچلەر پەيدا قىلدى دەپ قاراۋاتقانلىقى؛ يەنى مەسىلىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ توغرا يەكۈن چىقىرالمايۋاتقانلىقى، مانا بۇ مەسىلىگە چارە تېپىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئالدى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن، كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋە كوممۇنىزم قۇربانلىرى ۋەخپىنىڭ باشلىقى Dr.Lee Edwards سۆزگە چىقىدۇ. يىغىندا يەنە تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ سۆز قىلىدۇ.
يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغان Heritage Foundation مۇستەقىل بىر تەتقىقات ئورنى بولۇپ، بۇ 1980 - يىللاردىن باشلاپ، جىددىي خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدە ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنى، بولۇپمۇ كونسىرۋاتىپ ئېقىمدىكى سىياسەتچىلەرنى پىكىر ۋە لايىھەلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.