2009.10.05
بۇ ھەقتە توختالغان يېڭى زېللاندىيە باش مىنىستىرى جون كېي دۈشەنبە كۈنى، رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىش – بەرمەسلىك ئۈستىدە يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخى قارار ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېڭى زېلاندىيىگە تەكلىپ قىلىنىشىغا قارىتا تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان يېڭى زېلاندىيە يېشىللار پارتىيىسى تاشقى ئىشلار باياناتچىسى كېيس لوكى، ئەگەر يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرمىسە، بۇنىڭ يېڭى زېلاندىيە خەلقى ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە ئاۋسترالىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى رابىيە قادىر خانىمغا بېرىلگەن ئاۋسترالىيە ۋىزىسى سەۋەبىدىن سوغۇقلاشقان ئىدى.