2009.10.01

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، خىتاينىڭ بۈگۈنكى بايرىمىنىڭ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قېنى بەدىلىگە تەبرىكلىنىۋاتقان بايرام ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ تۈرلۈك غەيرىي ئىنسانىي تەن – تەنىسىنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىشقا قاتناشقۇچىلاردىن، ئاتاقلىق ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ 60 - يىللىق دۆلەت بايرىمى خوشاللىقىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ، ئەمەلىيەتتە بۈگۈن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بىر كۈن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي ئۆز بايرىمىنى بايرام كەيپىياتى ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئېغىر تەشۋىش ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا، نامايىشقا قاتناشقۇچىلاردىن زۈبەيرە خانىممۇ ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە ۋەتەن ئىچىدىكى خەلققە خىتاب قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ 60 - يىللىق دۆلەت بايرىمىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە تىبەت قاتارلىق باشقا ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ قان – يېشى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى تەكىتلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت بايرىمى دەپ ئاتىغان بۇ كۈننى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ماتەم كۈنى،» يەنى ئۇيغۇر مىللىتى بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان پالاكەتچىلىكلەرنىڭ باشلانغۇچ كۈنى دەپ قارىماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.