ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.10.01
2009.10.01
رابىيە خانىم بولسا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا «تۆھمەت قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ، تەيۋەن يەرلىك سود مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
باش مىنىستىر ۋۇ دۇنيى، رابىيە خانىم تەيۋەن كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىلگىرى ئويلاشقان ئامىللاردىن خالى بولسا، ئۇنىڭ مۇۋاپىق بىر پەيتتە تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلسا ياكى ئۇ ئۆز ئورنىدا قېلىپ، رابىيە خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن ئايرىلسا ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىلىدىغانلىقى، چۈنكى دولقۇن ئەيسانىڭ تېررورلۇق خاھىشىدىكى گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.