ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.09.29
2009.09.29
بۈگۈن تەيۋەن پارلامېنتىدا بۇ ھەقتە تالاش – تارتىش بولغان. تەيۋەن مەمۇرى مەھكىسىنىڭ باشلىغى ۋۇ دۇنيى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «تەيۋەن ھۆكۈمىتى ھېچقاچان رابىيە قادىر خانىمنى تېررورچى دېمىدى، ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىمۇ تېررورچى تەشكىلات دېمىدى» دەپ ئىزاھات بەرگەن.
جياڭ يىخۇئا ئۆتكەن ھەپتىدىكى سۆزىدە، شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى بىلەن شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەركىتىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ تىلغا ئالغان ئىدى. بۈگۈن تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمە باشلىغى، جياڭ يىخۇئانىڭ سۆزلىرىنىڭ خاتا بولمىغانلىنى بايان قىلغان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ خەلقارا ساقچىنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.