2009.09.21
ھالبۇكى، گاۋشيوڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، ئۆز شەھىرىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق شەھىرى ئىكەنلىكى، پەقەت بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىنلا مەزكۇر فىلىمنى قويۇشنى چەكلىسە شەھەرنىڭ ئوبرازى ۋە ئورنىغا نۇقسان يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
21 – سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى، تەيبېي شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ۋۇ تەيپىڭ » مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى»نى نۇرغۇن ئادەمنىڭ سۈرۈشتە قىلغانلىقى، شۇڭا مەزكۇر فىلىمنى تەيبېيدىمۇ كۆرسىتىشنى پىلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز بۇ فىلىمنى مۇمكىن قەدەر جىق كۆرسىتىمىز» دېگەن.
«مۇھەببىتىڭ ئون شەرىتى» ئاۋسترالىيە مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلغاندىن كېيىن، تەيۋەن گاۋشيوڭ كىنو فېستىۋالىدىمۇ قويۇلۇش قارار قىلىنغان ھەمدە خىتاي خاككېرلىرى گاۋشيوڭ كىنو فېستىۋالىنىڭ تور بېتىگە ئىنتېرنېت ھۇجۇمى قوزغىغان.