ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.09.15
2009.09.15
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 11 – ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلماقچى. دالاي لاما يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۆكتەبىردە ۋاشىنگىتوننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇڭا ئوبامانىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈنۈگۈن ۋە ئۈلۈشكۈنلەردە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى سۆھبەت تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.
تىبەت داھىسى دالاي لاما بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەر قېتىملىق چەتئەل زىيارىتى، مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئاغرىنىش ۋە سۈركۈلۈشلەرگە سەۋەب بولماقتا. خىتاي، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكىنى ئۈچۈن، بۇلتۇر ياۋروپا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتىنىشىشنى بىكار قىلغان؛ رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىنى زىيارەت قىلغاندا توكيودىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ ئەكەتكەن ئىدى.