-11 سېنتەبىر كۈنى، چېخىيە پايتەختى پراگادا ،چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاكلاۋ خاۋېل تەرىپىدىن قۇرۇلغان «مۇنبەر 2000 فوندى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، ئاسىيادىكى تېنچلىق، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ناملىق خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلىشقا باشلىدى. يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يىغىندا دۇنيا ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.09.11
Rabiye-xanim-Dalay-Xawel-Pragda-09112009-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 11 – ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﭘﺮﺍﮔﺪﺍ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﻰ، ﺳﺎﺑﯩﯩﻖ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﻓﺮﻩﺩﯦﺮﯨﻚ ﯞﯨﻠﻠﯩﻴﺎﻡ ﺩﻯ ﻛﻼﺭﻙ (ﺳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ ﻛﯩﺸﻰ) ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﭼﯧﺦ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﯞﺍﺳﻼﯞ ﺧﺎﯞﯦﻞ ﯞﻩ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.

AFP Photo
رابىيە خانىم يەنە، يىغىن جەريانىدا تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان شۇنداقلا نۇرغۇن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ھەم دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچراشقان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پراگادا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدۇق. سۆھبەت مەزمۇنلىرى دىققىتىڭلاردا بولغاي.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.