فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىم تونۇشتۇرۇلغان «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلماقچى بولغان تەيۋەن كىنو فېستىۋالىنىڭ تور بېتى نامەلۇم خاكىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.09.08
مەزكۇر كىنو فېستىۋالىنى ئۇيۇشتۇرۇش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە قارىغاندا، فېستىۋال تور بېتىگە ھۇجۇم قىلغۇچى خاكىر، » شىنجاڭدا بولغان ۋەقەدىن خەۋىرىڭلار بار يوقلىقىنى بىلمەيمەن. شۇ سەۋەبلىك قانچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ سەرسان بولغانلىقىنى بىلەمسىلەر ؟ بۇنىڭ ھەممىسىنى رابىيە قادىر كەلتۈرۈپ چىقارغان،» دەپ ئۇچۇر قالدۇرغان.

فىلىم فېستىۋالىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ليۇ شۇيىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا، «فىلىم فېستىۋالىغا ھەر قانداق پىكىر تەلەپ قاتناشتۇرۇشنى قارشى ئالىمىز، ئەمما ھەرگىزمۇ خاكىرلارنىڭ تەلەپ قىلغىنىدەك قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى توختاتمايمىز،» دېگەن.

رابىيە خانىم تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم ئۆتكەن ئايدا ئاۋستىرالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن فىلىم فېستىېۋالىغا قاتناشتۇرۇلغان مەزگىلدىمۇ، فېستىۋالىنىڭ تور بېتى ئوخشاشلا خىتاي خاكىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايقۇت قىلىش ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، رابىيە قادىر خانىم ئۆزىمۇ تەكلىپ بىلەن مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىپ، ئۇ ھەققىدە ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھالدا فېستىۋالغا قويۇلغان ھەمدە نۆۋەتتە ئاۋستىرالىيىدە ئاممىۋى كىنوخانىلاردا رەسمى قويۇلۇشقا باشلىغان.

تەيۋەننىڭ ئىككنچى چوڭ شەھىرى بولغان گاۋشيوڭدا، 16 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىككى ھەپتە داۋاملىشىدىغان تەيۋەن خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىغا 70 تىن ئارتۇق فىلىم قاتناشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» فىلىمى بۇ يىل ئاپرىلدا مەزكۇر فېستىۋالغا تاللانغان ئىكەن.