دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، 8 – سېنتەبىر، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، تەيۋەن مەركىزى ئاخباراتى، ياپون ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا بايانات بېرىپ » ئۈرۈمچىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشى كېرەك » دېدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.09.08
شىۋېتسىيىدە تۇرۇپ مەزكۇر باياناتنى ئېلان قىلغان دىلشات رىشىت، «نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش ئىنتايىن جىددىي، ئۇلارنىڭ بۇ شەھەردە يەنە بىرلىكتە ياشىشى مۇمكىن ئەمەس. 6 – سېنتەبىرنىڭ ئۆزىدىلا يۈزدىن ئارتۇق خىتاي كۆچمەنلىرى بەخت يولى ھەمدە ئازادلىق يولىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھالىلىرىگە بېسىپ كىرىپ ئۈچ كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 20 دىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇرغان» دەپ كۆرسەتتى.

دىلشات رىشىت يەنە، خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەت، مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلمايۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن كەمسىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر بىلەن خىتايلار ئارىسىدا مىللىي زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىدىكى سەۋەب دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش بىلەن تەڭ رابىيە قادىر بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشى زۆرۈر، شۇنداق قىلغاندىلا يەنىمۇ زور توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ ھەم مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ،» دەپ تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولى توغرىلىق ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قايتا – قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى قايتىدىن جىددىيلەشكەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئامما يەنىمۇ زور توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ، يىمەك ئىچمەك ۋە جىددىي لازىملىقلارنى تەييارلىماقتا ئىكەن.